ئىسرائىلىيە پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت ئىسرائىلىيىنىڭ يېڭى پەلەستىن ئىتتىپاقلاشقان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت ۋە پەلەستىن پرېزىدېنتى ئابباس بىلەن كۆرۈشكەن. ئورمۇت پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ب د ت نىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پەلەستىن باش مىنىستىرى بارلىق خاماس ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئىستىپا بەرگەن ھەمدە پرېزىدېنت ماخمۇد ئابباسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرىدىكەن ھەمدە بەش ھەپتە ئىچىدە بارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى تەشكىللەيدۇ.

بۇ يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى پەلەستىن قانۇن كومىتېتى تەستىقلىشى لازىم بولۇپ، قانۇن كومىتېتىدا خاماس تەشكىلاتىدىن بولغان ئەزالار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن. خاماس ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلماي كەلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز قوراللىق كۈچلىرىنى بىكار قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيىنى ئەتىراپ قىلىش لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، كوندا لىزا رايىس بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلماي تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئالدىن ھۆكۈم قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.(ئۈمىدۋار)