ئىستانبۇلدا نامايىش يۈز بەردى
2007.04.29
يەكشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بىر قانچە يۈز مىڭ كىشى قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
بۇنداق نامايىشلار ئىككى ھەپتىلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، نامايىشچىلار دۆلەتتە ئىسلامىي ئەنئەنىلەرگە سادىق بولغان ھازىرقى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە سىياسەت بىلەن دىن ئايرىلغان تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. 27-ئاپرىل كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ھازىرقى ھاكىمىيەتتىكى ئادالەت پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل تولۇق بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن. بۇ قېتىم ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى، ئانا ۋەتەن پارتىيىسىگە تەۋە كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىغان. تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى ئىسلامچىلىقنى ئەيىبلەپ، تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن دىننى ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بىر نەپەر تۈركىيە ھەربىي رەھبىرى بۇ دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئەنئەنىۋى تەرتىپلىرىنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەكىتلىگەن، ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئارمىيەنىڭ باش مىنىستىرنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
بىراق، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق نامزىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەم ئۇنى ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئادالەت پارتىيىسى ئىسلام دىنىي ئارقا كۆرۈنىشى بار پارتىيە دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەردە ئابدۇللا گۈل غەلىبە قىلسا، ئۇ تۈركىيىنىڭ تۇنجى ئىسلامىي ئىدىيىدىكى پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنتى بولۇپ قالىدىكەن. (ئۈمىدۋار)