ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە مىنىسىتىرى رامىسفېلت ئەپەندى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان پارلامىنت سايلىمىدا دېموكراتلار ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر چەكلىمىگە دۇچ كېلىشكە باشلاپ بىر كۈندىن كېيىن، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە مىنىسىتىرى 74 ياشلىق رامىسفېلت ئەپەندى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج. ۋ. بۇش بۈگۈن ، ئامېرىكىنىڭ سابىق مەركىزى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 1966 ‏- يىلىدىن باشلاپ ئالتە نەپەر ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ قول ئاستىدا ئۇچۇر-ئاخبارات خىزمىتى ئىشلىگەن روبېرت گەيتىس ئەپەندىنى بەش بۈرجەك بىنانىڭ يېڭى رەھبەرلىكىگە كۆرسەتتى. بۇشنىڭ بۇ تەكلىپى ھازىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. (ۋەلى)