ئامېرىكا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بەلگىلىشى كېرەك
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارمىقىدىكى بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق دوكلاتىنى سۇنۇپ، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى بېكىتىپ چىقىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى دوكلاتىدا، " ئامېرىكا ۋە خىتاي ، كەلگۈسىدە چوقۇم قوراللىق تىركىشىشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا، نۇرغۇن جەھەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەت ، مۇددىئا ۋە قىممەت قارىشى بارلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك" دەپ بىلدۈرگەن. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشىگە قارىتا، ئومۇمىي بىر ئىستىراتېگىيىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بىر يۈرۈش تەكلىبلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر كومىتېت، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر كومىتېت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنتېرنېتتە سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇشىنى تەنقىد قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچ چىقىرىپ، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش مەشغۇلاتىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى باھالاپ، بۇ ھەقتە ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىگە تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشتىن ئىبارەت. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگلىيە تەتقىقات ئورنى: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى، ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەھدىت
- خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرى، خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، دېدى
- خىتايدىن كېلىدىغان ھۇجۇم تەھدىتى ياپونىيە مۇداپىئە پىلانىدا يەر ئالدى
- روبېرت زويلىك: خىتايدا بىر پارتىيە دىكتاتورلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ
- خىتاي ياپونىيىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى ئەيىبلىدى