بەرلۇسكونى خىتاي كومۇنىستلىرىنى غەزەپلەندۈردى
2006.03.28
ئىتالىيە باش مىنىستىرى سىلۋىيو بەرلۇسكونىنىڭ كومۇنىستلارغا نەپرەت ئوقۇيدىغانلىقىنى ۋە خىتايدا بوۋاقلار پىشۇرۇلۇپ ئوغۇت قىلىنغان، دېگەن سۆزلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
خىتاينىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "سىلۋىيو بەرلۇسكونىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان سۆزلىرىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز،" دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە "ئىتالىيە رەھبەرلىرى ھەرىكىتى ۋە سۆزىدە جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك" دەپ ئەسكەرتتى.
بەرلۇسكونىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بايانلىرىدىن كېيىن ئىتالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىرنىڭ سۆزلىرى "ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرگە قارىتىلغانلىقىنى" ۋە بەرلۇسكونىنىڭ خىتاينى غەزەپلەندۈرۈش نىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىتالىيىدە 9 - ۋە 10 - ئاپرىل كۈنلىرى پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەرلۇسكونى ئىتالىيە سول قانات كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى رومانو پرودى بىلەن سايلام رىقابىتى ئېلىپ بارماقتا. رومانو پرودى بەرلۇسكونىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئەيىبلەپ، " بۇ خىتايدىكى 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرىدىغان سۆزلەر"، دېدى.
ئەمما بەرلۇسكونى، " ئۇلار مېنى كوممۇنىستلار بوۋاق يىگەن دېدى، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئەمما كوممۇنىزىمنىڭ قارا كىتابىنى ئوقۇسىڭىز جۇڭگودا ماۋنىڭ دەۋرىدە بوۋاقلارنىڭ ئوغۇت قىلىنىپ ئېتىزغا چېچىلغانلىقىنى بىلىسىز،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، سەيشەنبە كۈنى ئىتالىيە تېلېۋىزىيىسىدە " مېنىڭ دېگەنلىرىم بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇنقى ئىشلار. بۇ رەت قىلغىلى بولمايدىغان تارىخىي پاكىتلار " دەيدۇ.(ئەركىن)