ياۋروپا پارلامېنتى شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، شەرقىي ئاسىيادىكى خىتاي، ياپونىيە ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەرنى بىر - بىرى بىلەن يارىشىشقا چاقىردى شۇنداقلا ياۋروپا كومىتېتىنى خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگونى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى، بۇ دۆلەتلەرنى ئوتتۇرىدىكى زېمىن ئىخىتىلاپلىرىنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى، خىتاينىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا قارشى چىقىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر قانۇن خەلقئارا ئەھدىنامىلار بىلەن چىقىشالمايدۇ شۇنداقلا تەيۋەننى تىنچ يوللار بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىسىز، دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قانۇن شەرقىي ئاسىيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇش رولىنى ئوينايدىكەن شۇنداقلا بۇ قانۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىمبارگو مەسىلىسىدە ئىككىلەندۈرۈپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدا چىقارغان مەزكۇر قانۇندا، تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسىدا ياكى تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش يوللىرى تاقالسا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بەرگەن.

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى جوسى مانىئۇل باراسسو، كېلەر ھەپتە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسارى ۋالدنەر، شەرقىي ئاسىيادا باش كۆتۈرۈۋاتقان مىللەتچىلىك ئېقىمى ، رايوندىكى سىياسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)