ياپونىيە-خىتاي رەھبەرلىرى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلالمىدى


2005.04.18

ياپونىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. لېكىن رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىنىڭ بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشەلمىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن داۋاسى، ياپونىيىدە يېڭى بېسىلىپ چىققان تارىخ دەرسلىك كىتابلىرى ۋە ياپونىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە دائىمىي ئەزالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

ياپونىيىنىڭ كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار تۈپەيلىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن ئەپۇ سوراش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان.

يەكشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىموراغا ياپونىيىگە قارشى خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىشلار ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋىي ياپونىيىنى تارىخىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىدى دەپ ئەيىبلىگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.