ئامېرىكا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن ئاسىيادا بازار كاساتلىقى پەيدا بولماقتا


2008.01.30

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تايلاندنىڭ بانكوك شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسى يېقىندا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، ھازىر ئاسىيادا بازار كاساتلىقى پەيدا بولماقتا. خوڭكوڭ، شاڭخەي پاي بازارلىرىدا قىش پەسىللىك پايدا قازىنىشنى ئويلاۋاتقان كىشىلەر پايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، توكيو پاي بازىرىدىكى 225 خىل نېككى پاي چېكىنىڭ يىغىندىسى %1 تۆۋەنلىگەن. خوڭكوڭ پاي بازىرىدىكى خەنسېڭ پاي چېكى %2.9 تۆۋەنلىگەن. شاڭخەي پاي بازىرىدىكى بىرلەشمە پاي چەكلىرى%0.9 تۆۋەنلىگەن. سانلىق تەپسىلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ زىيان تارتىش نىسبىتى يۇقىرى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، يېڭى زېلاندىيە، سىنگاپور، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ، پاي بازىرىدا كاساتلىق يۈز بەرمەكتە. بۇ ۋەزىيەت ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاسىياغا، بولۇپمۇ خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئويغا سالماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.