خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى مايكىل جېكسون ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەن.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئەرەب ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن "قالىج ۋاتقى" دىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مايكىل جېكسون ئۆزى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بەھرەيىنگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە ئۇ جاينىڭ دائىملىق ياشاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. مايكىل جېكسون ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرگەن-ياكى كىرمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق ئۇچۇر يوق.
رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەرەپ گېزىتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر ناخشىچى مايكىل جېكسون بەھرەيىندىن ئالاھىدە ئېسىل تۇرالغۇ ئۆي-ئىمارەت ۋە يەر سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىغا مەسچىت سېلىشنى، بۇ مەسچىتتە ئىسلام دىنىي قائىدىلىرى ھەمدە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان، ھەتتا ئۇ ئامېرىكىدىن مەخسۇس ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان. (ئۈمىدۋار)