خاۋ فېڭجۈن، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى جاسۇسلۇق تورىنى پاش قىلىدىغان پاكىتلارنى ئېلان قىلدى
2005.06.21
بۇ يىل 2 - ئايدا ئاۋسترالىيىگە بارغاندىن كېيىن شۇ يەردە قېلىپ قالغان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى خاۋ فېڭجۈن، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە جاسۇسلۇق تورى قۇرغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى ئېلان قىلدى.
ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خاۋ فېڭجۈن تەمىنلىگەن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى جاسۇسلۇق تورىغا دائىر مەخپىي ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان. خاۋ فېڭجۈن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋە فالۇنگوڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى 610 - ئىشخانىنىڭ خادىمى ئىكەن.
خاۋ فېڭجۈن تەمىنلىگەن ماتىرياللار 610 - ئىشخانىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىغا دائىر ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلغان.
يېقىندا ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى چىن يوڭلىن، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن قېچىپ چىقىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسى پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. ئۇ، خاۋ فېڭجۈننىڭ ئاۋسترالىيىدە مىڭلارچە خىتاي جاسۇسى بارلىقى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى راست، دەپ قوللىغان.
ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى چىن يوڭلىنغا ۋاقىتلىق پانالىنىش ۋىزىسى بەردى. چىن يوڭلىننىڭ تەكىتلىشىچە، خاۋ فېڭجۈن تەمىنلىگەن ھۆججەتلەرنىڭ راست بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر، خاۋ فېڭجۈن ئېلان قىلغان مەخپىي ماتىرياللار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سابىق خىتاي دىپلوماتى ئاۋسترالىيىدە خىتاي ئىشپىيونلۇق تورى بارلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەھدىتىنى مۆلچەرلىدى
- خىتاي ئامېرىكىدىكى ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- روسىيە سوت مەھكىمىسى خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلغان روس ئالىمىنى جازاغا ھۆكۈم قىلدى