ئامېرىكا 3 نەپەر ئامېرىكىلىق خىتاينى ئاخبارات ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكىنىڭ فېدېرال زاستاتىللار ئۆمىكى بىر ئامېرىكىلىق خىتاي ئېنژىنېرى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى تۇغقىنىنى ئاخبارات ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىدى. مەزكۇر ئەيىبلەشتە، 62 ياشلىق مەي داجى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەم ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىكى يېزىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا فېدېرال ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەي داجى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇش تەتقىقاتى ئۈستىدىكى سەزگۈر پروگراممىنىڭ باش ئىنژىنېرى بولۇپ، ئۇ بۇ يەردىن سەزگۈر ئاخباراتلار قاچىلانغان كومپيۇتېر دىسكىسىنى ئوغرىلاپ چىققان. ئاندىن ئۇنىڭ 62 ياشلىق ئايالى جاۋ لىخۇا بۇ دىسىكنى CD غا كۆچۈرۈپ، ئۇنى مەي داجىنىڭ 56 ياشلىق ئىنىسى مەي داخوڭغا بەرگەن.

ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەي داخوڭ 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئايالى بىلەن بىرلىكتە خوڭكوڭغا بارىدىغان بېلەتنى ئېلىپ قويغان بولۇپ، ئۇ يەنە گۇاڭجۇغا بېرىپ شۇ يەردىكى ئالاقىلىشىدىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلانغان ئىكەن.

بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى ھۆكۈمەت تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلىغان ۋە ئوغرىلانغان نەرسىلەرنى يۆتكەشكە قاتناشقان، شۇنداقلا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇلار ئۈستىدە يەنە داۋاملىق سوت ئېچىلماقچى. (پەرىدە)