ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىك سودىگەر ئۆزىنىڭ خىتايغا جاسوسلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى


2006.05.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رويېترىس ئاگېنتلىقى 18 ‏- ماي كۈنى، ئامېرىكىلىق بىر قانۇن خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مېيامىي فېدرال سوتىدا تەيۋەنلىك سودىگەر مۇ كېسۈننىڭ خىتاي ئۈچۈن جاسوسلۇق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

58 ياشلىق مۇ كېسۈن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنى كۆتۈرەگە ئالغان شىركەتنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق مەسلىھەتچىسى ۋە كەسپىي ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ سوت قىلىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز يوسۇندا ئىلغار تىپتىكى ھەربىي قوراللارنى سېتىۋىلىش قىلمىشلىرىغا ياردەملەشكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

بۇ ئارىدا ئامېرىكىدىكى مەزكۇر شىركەتنىڭ باياناتچىسى، شىركەتنىڭ بۇ يىل 1 ‏- ئايدا مۇ كېسۈن بىلەن تۈزگەن بارلىق كېلىشىملەرنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېيامىي فېدرال سوتى بۇ يىل 2 ‏- ئايدا مۇ كېسۈن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن فرانسىيىلىك بېللمونى 9 تۈرلۈك قىلمىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى ، مۇ كېسۈن خىتاي بىلەن خىتايغا سېتىش چەكلەنگەن ئىلغار تىپتىكى ھەربىي قوراللاردىن ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان ھەمدە نىشان بەلگىلەپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، F 16 تىپلىق ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ۋە قارا لاچىن ماركىلىق تىك ئۇچار سېتىش كىلىشىمى تۈزگەن.

سوت مۇ كېسۈنگە 30 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەن ، بىراق بىللمو قېچىپ كەتكەن.

رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن، خىتاي دائىرىلىرىمۇ مەزكۈر جاسوسلۇق دىلوسىنى ئىنكار قىلغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.