ئامېرىكا يەنە 2 نەپەر خىتاينى ئىشپيونلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى

ئامېرىكا فېدېرال سوتى چارشەنبە كۈنى كالىفورنىيە شىتاتىدا يەنە 2 نەپەر خىتاينى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىغا ئائىت سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككىسى ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشپيونلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان مەي داخوڭنىڭ ئايالى ۋە 26 ياشلىق ئوغلى ئىكەن. مەي داخوڭ ئىلگىرى ئاكىسى مەي داجىدىن ئالغان سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. شۇنداقلا فېدېرال سوت 26 ياشلىق مەي يوۋنىڭ تاغىسى مەي داجى يەتكۈزگەن ئۇچۇرلارنى CD پلاستىكىسىغا مەخپىي سىفىر بىلەن كۆچۈرۈپ خىتايغا ئەۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى خىتاي مەي داجى كالىفورنىيىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائەت شىركىتىنىڭ ئېنژىنېرى بولۇپ، ئۇ بۇ شىركەتنىڭ كومپيۇتېر سېستىمىسىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ئۇرۇش پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەمدە باشقۇرىلىدىغان بومبا تەكشۈرگۈچ ۋە ئۇنىڭغا قارشى مۇداپىئە تېخنىكىلىرىنى CD پلاستىكىسىغا كۆچۈرۈپ ساقلىغان. شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزۈش جەريانىغا ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىنىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قاتناشقان.

مەي داجى ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن يىلى 10‏- ئايدا قولغا ئېلىنىپ ئىشپيونلۇق بىلەن ئەيىبلەندى، لېكىن ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تېخى رەسمىي ھۆكۈم چىقىرىلمىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەنە 2 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى جىنايەتنىڭ تۇرغۇزۇلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. (ئەقىدە)