28 - مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيا شىتاتىدا خىتاي جاسۇسلىرى سوتلىنىشقا باشلىدى. "ئامېرىكا ئاۋازى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1985 - يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن 66 ياشلىق مەي داجژ كالىفورنىيا شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا، ئامېرىكىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئالتە چوڭ شىركەتنىڭ بىرى بولغان L3 ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئىشلىتىدىغان ئاۋازسىز دېنام ياساش تېخنىكىسىغا دائىر ماتېرىياللارنى CD دېسكىغا قاچىلاپ، مەخپىي نومۇر قويۇپ، ئۇنى جىيەنى مەي بېيلى ئارقىلىق ئۇكىسى مەيداخۇڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئامېرىكا دۆلەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2005 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مەي داخوڭ بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىنى لوس ئانجىلىس ئايرۇدىرومىدا قولغا ئالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ يۈك -تاقىلىرى ئىچىدىن CD دېسكىسىغا قاچىلانغان بۇ مەخپىي ماتېرىيال تېپىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا سوتلىنىشقا باشلىغان خىتاي جاسۇسلىرى "خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى ئىكىسپورت قىلىشقا ئورۇنغان" قاتارلىق 6 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بۇ قېتىمقى جاسۇس سوتلاش ئىشىغا 12 كىشىلىك سوت كوللېگىيىسى تەشكىللەنگەن. بۇ سوت كوللېگىيىسىنىڭ 4 ى ئەر، 8 ى ئايال. بۇلار سوت كوللېگىيىسىگە تاللانغان 70 نەپەردىن ئارتۇق نامزاتنىڭ ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان. تەيۋەندە تۇغۇلغان بىر نامزات "خىتاي مىنىڭ دۈشمىنىم" دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن كوللېگىيىدىن چىقىرىۋىتىلگەن. "خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچلىنىشى" دىن ئۈمىد كۈتىدىغان يەنە بىر لاياقەتسىز نامزاتمۇ سوت كوللېگىيىسىدىن چىقىرىۋىتىلگەن. جەنۇبىي كالىفورنىيادا باشلانغان بۇ قېتىمقى خىتاي جاسۇسلىرىنى سوتلاش ئىشى 6 ھەپتىگىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن. (ۋەلى)