ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مايكېل مېكېننېل يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بەردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مېكېننېل ئەپەندى يىغىندا 'خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكىتى سوغۇقچىلىق ئۇرۇش دەۋرىدىكى سەۋىيىگە قايتقان'لىقىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى چەتئەل جاسۇسلىرىدىن ساقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگىلا ئەمەس، ئامېرىكا يەنە ئەلقائىدىچىلەر، ئىران ۋە لىۋاندىكى ھېزىبۇللاچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى لازىملىقىنىمۇ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روبېرت مۈللېر ئەپەندىمۇ دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىپ، خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىدىن مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش ئارقىلىق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى بايان قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، ھازىر ئامېرىكا دېموكراتچىلىرى بۇيىل 8 - ئايدا ماقۇللانغان 'ئامېرىكىنى قوغداش جەھەتتىكى 2007 - يىللىق قانۇن لايىھىسى'نىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنغا ئايلىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۆزى جىددىي دەپ قارىغان ئەھۋال ئاستىدا، رەسمىيەتسىز ھالدا ھەر قانداق سودا - تىجارەت خاتىرىسى، كۈتۈپخانا ئارخىپلىرى ۋە شەخسىيلەرنىڭ تېلېفون، ئېلېكتىرونلۇق خەت ئالاقىلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىشدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ۋەلى)