ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
2004.12.02
ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى، 3 خىتاي شىركىتى ۋە بىر خىتاي پۇقراسى ئامېرىكىنىڭ، قورال ماتېرىياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بويۇم ۋە تېخنىكىلارنى ئىرانغا ساتماسلىق چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا جازا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى گەرچە بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىرانغا قانداق بويۇملارنى يەتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىسىمۇ، ئەمما بۇ بويۇملارنىڭ ئىراننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يادرو قوراللىرى ۋە خىمىيىلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ بۇ جازاغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىشتا ئىزچىل تۈردە ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۆزىدە يەنە، جازالانغان ئۈچ خىتاي شىركىتى ۋە بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىشى چەكلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا يەنە، ئېكىسپورت رەسمىيىتىنى تەلەپ قىلىدىغان ئامېرىكا ماللىرىنى سېتىۋېلىشنى ئىككى يىلغىچە چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە خەلقئارانىڭ ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قورال تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان خىتاي شىركىتى ۋە پۇقراسىنىڭ سانى 28 گە يەتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئىران، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى
- پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسى ياساۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
- ئىران يادرو مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
- كولىن پوۋېل لى جاۋشىڭ بىلەن شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈئەندە سۇ ئامبىرى ياساشقا قارشى چىققۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى