ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى
2005.01.18
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىنى ئىرانغا "بالىستىك بومبا ۋە كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش خاراكتېرلىق قورال تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرگەن" دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىرانغا بالىستىك بومبا تېخنىكىسى سېتىپ بەرگەن شىركەتلەر بىلەن سودا قىلماسلىق ھەققىدىكى قانۇنىغا ئاساسەن، مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا سودا قىلىشىنى چەكلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەيىپلىشىنى "ھېچقانداق ئاساسى يوق" دەپ بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا، "بىز خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش خاراكتېرلىق قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان شىركەتلەرنى چوقۇم قاتتىق جازالايمىز" دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىدىن سىرت، يەنە تەيۋەن ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ ئىككى شىركىتىگىمۇ ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن.(ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- خىتاي ئۇكرائىنىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ قورال خېرىدارىغا ئايلاندى
- خىتاي سۇداندىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قورال ساتقانلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ھېنرى ھايد خىتاينى ئەيىپلىدى