ئامېرىكىنىڭ جەڭچى روباتلىرى ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتناشماقتا
2007.08.22
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'مۇداپىئە ھەپتىلىك خەۋەرلىرى' نىڭ 22 - ئاۋغۇست كۈنى بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئېلېكترونلۇق قورال-ياراقلىرى يەنى جەڭچى روباتلىرى ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتناشماقتا.
خەۋەر تېكىستىدە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان قوراللىق روباتلىرى، راكىتاچى روباتلىرى ۋە رازۋېتكىچى روباتلارنىڭ شەكلى، قابىلىيىتى تەسۋىرلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ فوتو سۈرەتلىرىمۇ قوشۇپ ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 3 - پىيادە قىسىم دېۋىزىيىسى 3 - باتاليونى 2006 - يىلىدىن باشلاپ يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئېلېكترونلۇق قوراللار -روباتلار بىلەن قوراللاندۇرۇلۇشقا باشلىغان. بۇ روباتلار رەسمىي سىناقتىن ئۆتۈپ كىملىك ئالغان روباتلار بولۇپ، ئادەتتە دۈشمەننى يىراقتىن كۈزۈتۈش، بايقاش ۋە توسۇپ زەربە بېرىشكە، بولۇپمۇ مۇھىم قورغان -ئۆتكەللەرنى بۆسۈش جېڭىدە قوللىنىلىدىكەن. جەڭچى روباتلار ئادەتتە 4 سائەتتە بىر ئالماشتۇرۇلۇپ جەڭگە سېلىنىدىكەن.( ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى سادام ھۈسەيىننىڭ چوڭ قىزى راغەتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
- ئىراقتا كۇردلار رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن
- ب د ت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىراقتا ۋەزىيەت ياخشىلىنىشتىن بۇرۇن ئورگانلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى چاقىردى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي : ئىراقتا بايقالغان خىتاي قوراللىرى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- ئافغانىستاندا 45 پۇقرا ھاۋا ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئۆلدى
- تالابانى خىتايدىن قورال سېتىۋېلىپ ساقچىلارنى قوراللاندۇرماقچى
- خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان مېھمانخانىدا پارتلاش يۈز بەردى