شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە ئەسكەرلىرى چېگرىدا توقۇنۇشۇپ قالدى
2007.08.06
6 -ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيە ئەسكەرلىرى چېگرىدا توقۇنۇشۇپ قالغان ۋە بىر - بىرىگە قارىتىپ ئوق ئېتىشقان . ئېتىشىش ئانچە ئۇزۇنغا بارماي توختىغان بولۇپ، بۇ جەريانىدا يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورىيە ئەسكەرلىرى، كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدىغان بىخەتەرلىك سىزىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا پوستتا تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي كورىيە ئەسكەرلىرىگە ئوق ئاتقان. بۇنىڭغا جاۋابەن جەنۇبى كورىيە ئەسكەرلىرىمۇ ئوق ئېتىپ ئىنكاس قايتۇرغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇش توختىتىش كومىتېتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئۇلار بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرىدىكەن.
شىمالىي كورېيە ئالدىنقى يىلى يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جىددىيچىلىك ئېغىرلاشقان، ئەمما شۇندىن ئېتىبارەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، رۇسىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتاي قاتارلىق 6 دۆلەت ئارىلاشقان شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللىرىدىن مۇستەسنا قىلىش سۆھبىتى داۋام ئەتمەكتە ئىدى.
مەزكۇر ئېتىشىش، شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللىرىدىن مۇستەسنا قىلىش كېلىشىمى ئۈستىدىكى تەپسىلىي سۆھبەت باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن.
شىمالىي كورىيە مۇھىم يادرو رېئاكتورىنى تاقىۋەتكەنلىكى ۋە خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيىسى جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقى ئۈچۈن جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيىگە 50 مىڭ توننا نېفىت سوغا قىلغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كورىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر نەپەر دىپلوماتى تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى
- ب د ت نىڭ يادرو قوراللىرىنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىمالىي كورىيىگە بارىدۇ
- جەنۇبىي كورىيە تۇنجى قېتىم شىمالىي كورىيىگە بېرىلگەن جازا ھەققىدە توختالدى
- جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى خىتاينىڭ كورىيە تارىخىنى بۇرمىلىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى
- كىم جۇڭ ئىل، ۋۇيى باشچىلىغىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
- ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىنىڭ پيوڭياڭنى ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى قارشى ئالدى
- جەنۇبىي كورىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلدى