ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەنقىد ۋە تالاش- تارتىشتىكى جەنۋە يىغىنى ئاخىرلاشتى


2005.04.22

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىكى يىللىق يىغىنى، ئۆز رولىنى يوقىتىش توغرىسىدىكى تەنقىدلەر شۇنداقلا ئىسلاھات چاقىرىقى ئاستىدا جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ يىلقى يىغىنى، بلرۇسىيە، كۇبا، شىمالى كورىيە، ۋە بېرمىلارنى تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى ئەيىبلەيدىغان بىرلا قارار ماقۇللىدى.

ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، يىغىندا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان كۈچلۈك بىر ئورگانغا مۇھتاجلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى يوقۇتۇپ، ب د ت نىڭ ئىناۋىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈردى،" دەپ كۆرسەتتى. ئانناننىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا ھۆرمەتكە ئىگە يېڭى ئورگان قۇرۇشنىڭ ۋاقىت سائىتى كېلىپ قالغان.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسارى لويىس ئاربور، " قۇرۇلغۇسى كومىتېتنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى شۇنداقلا ھوقۇقى ھازىرقىدىن پەرقلىق بولۇشى كېرەك،" دىگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا تېرورچىلىقنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، ئەمما بۇ گۇرۇپپىنىڭ تەكشۈرۈش نىشانى چېچىيە، خىتاي ۋە زىمبابۇۋىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى كەننىس روس، " كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سۇدانغا ئوخشاش دۆلەتلەر پانالىنىدىغان مۇساپىرخانا بولۇپ قالدى،" دەپ ئەيىبلىگەن. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى خىتاي، زىمبابۇۋى، كۇبا، نېپال ۋە رۇسىيە قاتارلىقلار كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.