خىتايدىكى جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە جەمىيەت زوراۋانلىقىنىڭ مەنبەسى


2007.04.25

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، جىنسى ئايرىمىچىلىق يۈزىدىن قىز بوۋاقلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلىش ۋەقەلىرى -21ئەسىرگە كىرگەن كۈنىمىزدە ئازايماق تۈگۈل، كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا. بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدىغان دەرىجىلەرگە يېتىپ كەلگەن بۇ مەسىلىگە، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە ۋە بەزى تەدبىرلەرنى ئالماقتا.

جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋالى

بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى ھۈررىيەت گېزىتىنىڭ - 24 مارتتىكى قوشۇمچە سانىدا بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالا، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى Will Hutton نىڭ ئانالىزىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يېزىلغان بولۇپ، ماقالىدا مۇنداك دېيىلگەن. بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە چېكىدىن ئاشقان جىنسىي ئايرىمىچىلىق يۈزىدىن قىز بوۋاقلار قىردۇرۇۋېتىلمەكتە. بۇ سەۋەپلىك ئەر- ئايال تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغانلىقتىن كېلەچەكتە قىز ئەلىپ قېچىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ سانى ئازلىق سەۋەبىدىن ئۇرۇشلارنىڭ چىقىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

خىتاي ۋە ھىندىستان بۇ ئۇرۇشلار چىقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇلترا دولقۇن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بىرلىكتە بوۋاقنىڭ جىنسىيىتىنى تۆرەلمە ھالىدىلا بىلگىلى بولغاچقا 60 مىليون قىز بوۋاق تېخى دۇنياغا كەلمەي تۇرۇپلا يوقىتىلغان. مۇتەخەسىسلەر دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ سانىنىڭ بۇنداق تەڭپۇڭسۇز كۆپىيىشى يۈزىدىن كېلەچەكتە پالاكەتلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. ئەمما بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ پالاكەت ئاللىقاچان باشلانغان. ماقالا، The Observer جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىن مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق داۋام قىلىدۇ: The Observer جورنىلىدا خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ جىنسىي تەڭپۇڭسۇزلۇق ئەڭ ئېغىر بولغان يەرلىرىدە، جىنايەت نىسپىتىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىپ چىقىلغانلىقىدەك ھەيران قالارلىق بىر نەتىجە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جورنالدا يېزىلىشىچە، پاكىستاندىمۇ جىنسىي تەڭپۇڭسۇزلۇق يۈزىدىن ئۆيلىنىدىغان ئايال تاپالمىغان ياشلار ئەسەبى ئىسلامغا يۆلىنىشكە باشلىماقتا. جىنسىي تەڭپۇڭسۇزلۇق يۈزىدىن كوچىلارغا چىقىپ زورلۇق زومبىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا، دەپ يېزىلغان.

ئۇنداقتا بۇ توغرىمۇ ؟

The Observer جورنىلىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى Will Hutton، ئاسىيادىكى بۇ يوق قىلىنغان قىزلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىنى ئانالىز قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە 'تامغا خەت يېزىش' ناملىق خىتاي ھەققىدە يېزىلغان بىر كىتابىمۇ بار.

ئۇ ئانالىزىسىنىڭ بېشىدا، 19 - ئەسىردە خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان Niyen قاراقچىلىرىنى مىسال كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ ئوتتۇرا رايونىدا، بېيجىڭ بىلەن شاڭخەي ئارىسىدىكى كەڭ تۇپراقلاردا ھۆكۈم سۈرگەن بۇ قاراقچىلار، 50 مىڭ كىشى قەتىملىق تالان - تاراج ۋە باسقۇنچۇلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، 15 يىل دەۋىر سۈرۈش جەريانىدا، خىتايدا دەھشەتلىك بالايى - ئاپەت قوزغىغان ئىدى.

بۇيەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە، Niyenلەرنىڭ ئايالسىز بىر قەبىلە بولۇشىدۇر. قىز بالىلارنى كارغا كەلمەيدۇ، دەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن Niyen قەبىلىسىدە زور بىر جىنسىي تەڭپۇڭسىزلۇق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 1850-يىللاردا يېزىلغان تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇ ۋاقىتتا ھەر 129 ئەرگە 100 ئايال كىشى توغرا كەلگەن ئىكەن.

زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسى خەۋىپى بولىۋاتقان سەۋەپنىڭ، مانا بۇ جۆرىسىزلىك ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۆزلىرىگە ئايال تاپالمىغان ئەر كىشىلەر بالا تاپالمىغانلىقتىن ئۇلارغا يېرىم ئەر كۆزى بىلەن قارالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىك جاسارىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قاراقچى گۇرۇھلىرىنى قۇرۇپ چىققان. Will Hutton بۇ نۇقتىنى، ھازىرقى ئەھۋاللارغا تەقلىت كەلتۈرۈپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۇغۇلغاندىن كېيىن ياكى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئۆلتۈرۋېتىلگەن 100 مىليون قىز بوۋاق سەۋەبىدىن، بىر زوراۋانلىق دولقۇنىنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈردى.

بۇ ئەھۋال خىتايدا ئېغىر

ماقالىدە يېزىلىشىچە، خىتايدا بولسا بىر بالا تۇغۇش سىياسىتى يۈزىسىدىن ئائىلىلەر ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلسا، ھىندىستاندا بولسا كېلەچەكتە ئۆيلەنگەندە قىز تەرەپ ئېغىر توي سېلىقى ئۆتەيدىغانلىقى ئۈچۈن قىز بالىلىرىنى چۈشىرىۋېتىدىكەن. بۇلار ھەممىگە مەلۇم بولغان رىياللىق بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، نوپۇس ئىستاتىسكىلىرىغا قارىغاندا 60 مىليون قىز بوۋاق كام ئىكەن.

خىتايدا ھازىر ھەر 119 ئەر كىشىگە 100 ئايال كىشى توغرا كېلىدۇ. 2020-يىلىغا كەلگەندە بولسا ئۆزىگە جۆرە تاپالمايدىغان ئەرلەرنىڭ سانىنىڭ 40 مىليونغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ھىندىستاندا بولسا 2020-يىلىدا 31 مىليون ئەر كىشىنىڭ ئارتۇق بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋ جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم بىر خەۋىپ ئىكەنلىكىنى دېدى. ھىندىستاندا بولسا قىز - ئايال تىجارىتى يۈزىدىن دۆلەت ھەرىكەتكە ئۆتتى. گەرچە تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ جىنسىيىتىنى بىلىش قانۇنغا خىلاپ دېيىلگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم بۇنى ئوغۇرلۇقچە داۋام قىلىۋاتقانلار بار. تېخى يېقىندىلا ھىندىستاندىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ باغچىسىدا 437 قىز بوۋاقنىڭ ئۇستىخانلىرى تېپىلغان.

Will Huttonنىڭ ماقالىسىدىن قارىغاندا، ئىككىلا دۆلەتتە ئاياللارنىڭ نوپۇسى ئاز بولغان رايونلاردا زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى جىنايەتلەرنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى بار ئىكەن. خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى جىنايەتلەرنىڭ يۈزدە 90 پىرسەنتىنى بويتاق كۆچمەن ئەرلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىۋەتىپتۇ.

گېزىتتە يېزىلىشىچە Will Hutton ئانالىزىسىدا پاكىستان ھەققىدىمۇ ئۆرنەك بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: بۇ دۆلەتتە ئادالەتسىزلىكنى ۋە ئەسەبىي ئىسلامىزىمنى ئۇلغايتىۋاتقان ئامىل جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىقتۇر. تۇرار جايى بولمىغان، جۆرە تېپىش ئۈمىتىنىمۇ يوقاتقان ئەركىشىلەر خۇددى قاراقچىلىرىغا ئوخشاش كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىك جاسارەتلىرىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.

Will Hutton ماقالىدە پەقەتلا مۇشۇ ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇيەرلەردىكى زوراۋانلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىق ئىكەن. ماقالىدا يېزىلىشىچە يەنە، پاكىستاننىڭ نۇرغۇن رايونلىرى شەرىئەت ھۆكۈملىرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان رايونلىرىدا، گەرچە بالا چۈشۈرۈش قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، قىز بالا چۈشۈرۈش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدىن قارىغاندا پاكىستان ئەمەس، خوشنىسى ئافغانىستاندىمۇ قىز بالا چۈشۈرۈش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. ئەمما مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە پاكىستان بىلەن ئافغانىستاندىكى ئەھۋال تېخى خىتاي بىلەن ھىندىستاندىكىدەك خەتەرلىك ئەھۋالدا ئەمەس ئىكەن. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.