رىم پاپاسى جون پائۇل 2 ئالەمدىن ئۆتتى


2005.04.03
Pope2005_0330-200.jpg
30-مارت كۈنى، رىم پاپىسى جون پائۇل 2 ۋاتىكاندا ئېتىقادچىلارغا بەخت تىلىمەكتە. AFP

رىم پاپاسى جون پائۇل 2 شەنبە كۈنى كەچتە 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ۋاتىكان دائىرىلىرى بۇنىڭ بىلەن توققۇز كۈنلۈك ماتەم پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كاتولىك مۇرىتلىرى ۋە رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ روھىدىن ئىلھام ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ھەر خىل يوسۇندا تەزىيە بىلدۈرۈشتى. نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر يەكشەنبە كۈنى رىمدىكى سان پىتىر چېركاۋىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، 1978 - يىلىدىن بۇيان كاتولىك مۇرىتلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان پائۇلشالىق پاپا جون پائۇل 2 گە تەزىيە بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ مەنىۋىي ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى يىتەكچىلىك رولىغا ۋە ئۇنىڭ پائۇلشا ھەمدە شەرقىي ياۋرۇپانىڭ باشقاجايلىرىدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى تىنچلىق بىلەن ئاغدۇرۇشتا ئوينىغان ئىجارىي رولىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە مەدھىيە ئوقۇدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، "بۇ دۇنيا ئىنسانىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بىر چىمپىيونىدىن ئايرىلدى" دەپ بىلدۈردى. گىرمانىيە باش مىنىستىرى شىرودېر " جون پائۇل 2 ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئېسىل خىسلىتى بىلەن بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتتى" دېدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن " رىم پاپاسى قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋى ۋە سىياسىي مىراسلار دۇنيا تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. پەلەستىن مىللى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مەخمۇد ئابباسمۇ رىم پاپاسىنىڭ پەلەستىننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى مەدھىيلىدى. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بولسا، "رىم پاپاسى بارلىق دىنلار ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى" دەپ بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامامۇ رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ ئۆلىمىگە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەزىيىسىنى ئىپادىلىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئېنىق ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، بىراق رىم دائىرىلىرى دەپنە مۇراسىمىدا ئىككى مىليون ئادەمنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.