ئامېرىكا جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ بىرىنچى كۈنى پرېزدېنت بۇشنىڭ 11 - سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىنكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى تەرىپلەندى .
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى مەككېيىن نۇتۇق سۆزلەپ، پېرىزدىت بۇشنىڭ تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش ۋە ئىراققا قاراتقان سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، نۋيورىكنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى جۇلىئەننىمۇ پرېزدېنت بۇشنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇشنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە قارىماستىن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
بۇ ئارىدا ئامېرىكىنىڭ دىمۇگراتىك پارتىيە ۋەكىلى، مۇئاۋىن پرېزدېنت نامزاتى ئەدۋارد، پرېزدېنت بۇشنىڭ تېرورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تۇتقان تاشقى سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى . (ئەقىدە)