ئافغانىستان ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئاشكارلىشىچە، كابۇلدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يېقىن بىر جايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 12 ئادەم قازا قىلغان، 42 ئادەم يارىلانغان.
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاتقۇچ بومبىنى بەدىنىگە تاڭغان بىر كىشى، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دەرۋازىغا يېقىن جايدا ئۆزىنى پارتلاتقان. پارتلاش يۈز بەرگەن ۋاقىت كىشىلەرنىڭ ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقتى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۈر پارتلاشتا كۆپ ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە كابۇلنىڭ بىخەتەرلىكى قاتتىق تەدبىر ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل كۆپ قېتىم پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.
نەق مەيداندىكى بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پارتلاشتا ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 4 خىزمەتدىشىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن. پارتلاشتا يەنە ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر قانچە كىشىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇ ئارىدا ، تالىبان كۈچلىرى، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى تالىبانلار ، ئافغان دائىرىلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتمەكتە.
كابۇلدا بىر ئايدىن بېرى 3 -- 4 قېتىم، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.