كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتتى
2006.04.07
كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدىن بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارىنى تاشكەنتكە ئەۋەتىپ، بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغان. 26 - مارت كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋىزا ئۇزارتىشقا بارغاندا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن ھازىرغىچە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن ھۈسەنجان جېلىلنىڭ دوستلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، كانادانىڭ تاشكەنتكە يوللىغان ئالاھىدە دىپلوماتىك خادىمى ساندرا روسىتېر، پەيشەنبە كۈنى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە جېلىل بىلەن كۆرۈشكەن.
كانادانىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق مەخسۇس ئەلچىخانىسى يوق بولۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئالاقىلارنى موسكۋادىكى كانادا باش ئەلچىخانىسى باشقۇرماقتا ئىدى. ئالاھىدە دىپلوماتىك ئەمەلدارى ساندرا روسىتېر، تۇتقۇننىڭ ئايالى بىلەن جۈمە كۈنى يەنە كۆرۈشۈشى مۈمكىن. ئەمما كانادا ھۆكۈمىتى مەخپىيەتلىك قانۇنى بويىچە ، كانادا دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە توغرىسىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبىتى مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ھۈسەنجان جېلىلنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ "ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت" ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۆزبېكىستان ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىدىن خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى قوشۇنلىرىنى 6 ئاي ئىچىدە ئېلىپ چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنجاندىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن پرېزىدېنت كەرىموۋنى بېيجىڭدا قىزىل گىلەم سېلىپ كۈتۈۋالدى.