كانادا باش مىنىستىرى خىتايدىن"يېڭى تاڭلىقلار" تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى

كانادا باش مىنىستىرى پول مارتىن پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان چەتئەلدىكى "يېڭى تاڭلىقلار" تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئىككى نەپەر كانادالىق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلدى.

كانادا باش مىنىستىرى پول مارتىن، بۇنىڭ بىر جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "ئاخبارات ئەركىنلىكىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. كانادا تەرەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمە ئۈچۈن مەزكۇر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشىنى ۋە شۇنداقلا بۇ قىلمىشىنى تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز" دىدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى "يېڭى تاڭلىقلار" تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرىغا ئۈچ ھەپتە ئاۋۋال ۋىزا بېرىپ، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بەرگەن ۋىزىسىنى بىكار قىلغان. خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسى، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

"يېڭى تاڭلىقلار" تېلېۋىزىيىسىنىڭ كانادادىكى مەسئۇلىنىڭ قىياس قىلىشىچە، مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خىتايدىكى سارس كېسىلى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۈنگوڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)