كانادا ۋە خىتاي يىللىق كىشىلىك سۆھبىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كېلىشتى


2005.01.20

كانادا باش مىنىستىرى پاۋل مارتىن ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جىياباۋ پەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان كانادا باش مىنىستىرى پاۋل مارتىن پەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېلىشمەسلىكلەر بىلەن باشلانغان. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى توساتتىن كانادا باش مىنسىتىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇنىڭغا ھەمرا بولماقچى بولغان كانادا پۇقراسى ئىككى خىتاي مۇخبىرغا بەرگەن ۋىزىسنى بىكار قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى فالۇڭگوڭ تەرىقىتى ئەزاسى دەپ ئەيىبلىگەن.

كانادا باش مىنىستىرى مارتىن خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى كانادالىق مۇخبىرنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلە ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشكە چاقىرغان ئىدى .

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، باش مىنىستىر مارتىننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا باش مىنسىتىرىدىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەتلىرى جەريانىدا كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويىشىنى تەلەپ قىلغان.

كانادادىكى ئىچكى بېسىملار تۈپەيلى بولسا كېرەك، كانادا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتىدا، ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش ھەققىدە كېلىشكەنلىكى تەكىتلەنگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.