كاندىلىزا رايس خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
-
2008-02-15 -
-
-
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس 26 - فېۋرال كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن شىمالىي كورىيە يادرو پىلانى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى شون ماكورماك، رايىسنىڭ زىيارىتى 23 - فېۋرال كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ جەنۇبىي كورىيە، خىتاي ھەم ياپونىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى رايىسنىڭ بۇ سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، بۇ سەپىرىدە شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بۇيىچە ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خېللنىڭ ھەمراھلىقىدا بارىدۇ. شون ماكورماك، رايىسنىڭ 26 - فېۋرال كۈنى "يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن خەلقئارا، رايون خاراكتېرلىك ۋە ئىككى تەرەپلىمىلىك سىياسى ھەم ئىقتىسادى مەسىلىلەر شۇنداقلا شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ۋە ئىران " توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي كورىيە 6 دۆلەت سۆھبەت كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەسلى 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىلىرى ئۆزىنى يادرو قوراللاردىن پۈتۈنلەي خالىي قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن پيوڭياڭ بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلار تۈپەيلى كېلىشىمنىڭ روھى ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلمىدى.
خىتاي شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەل قىلغۇچ دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توڭلىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. رايىسنىڭ خىتاي سەپىرى تېررورچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى ئېيتىلمىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، رايىسنىڭ بۇ سەپىرىدە ئۈرۈمچىدىكى "بەخت باغچىسىدا 18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى" نى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ۋەقە ئۈستىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، كاندىلىزا رايىسنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى " تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش" سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
كاندىلىزا رايس 23 - فېۋرال كۈنى جەنۇبىي كورىيىگە بېرىپ، 26 - فېۋرالدىكى خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 27 - فېۋرال كۈنى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھىيلىسى
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى : ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى داۋاملاشماقتا
- ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيلىك دىئالوگى باشلاندى
- ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتى ئاخىرلاشتى
- خىتاي ئامېرىكىدىن ياڭيۇ ياپراقچىسى ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى
- " خىتاي ئامېرىكىدىن دالاي لاما سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ "
- خىتاي سۈنئىي ھەمراھى تارتقان ئاي شارى سۈرىتىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلىدى