دىنىي كەمسىتىشمۇ ياكى ئاخبارات ئەركىنلىكىمۇ ؟
2006.02.02
ياۋروپادىكى بەزى گېزىتلەردە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يۇمۇرلۇق كارتۇن رەسىملىرى بېسىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇ رەسىمنى " فرانسىيە كەچلىك گېزىتى" دە باسقان باش مۇھەررىر پەيشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بەزى ئىسلام ئەللىرىدە "فرانسىيە كەچلىك گېزىتى" نى تارقىتىش چەكلەنگەن. كارتۇن رەسىم تۇنجى قېتىم دانىيىدىكى بىر گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نورۋىگىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بەزى گېزىتلەر بۇ رەسىمنى كۆچۈرۈپ باسقان ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيە دانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىۋالدى. لىۋىيە كوپىنخاگېندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىغان. بەزى ئىسلام ئەللىرىدە دانىيە ماللىرىغا بايقۇت ئېلان قىلىندى. مۇسۇلمانلار ياۋروپا گېزىتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۆرمەتسىزلىك، دەپ قارىماقتا. بىراق ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، "فرانسىيە كەچلىك گېزىتى" باش مۇھەررىرىنىڭ خىزمىتىدىن بوشۇتۇلغانلىقىنى ئاخبارات ئەركىنلىكى پرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىغان.
فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش پرىنسىپىدا شەك يوق، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما بۇ ئارىدا نورۋىگىيە بىخەتەرلىك سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن پەلەستىندىكى ئىش باشقارمىسىنى تاقىدى. پەلەستىندىكى بەزى رادىكال گۇرۇھلار دانىيە، فرانسىيە ۋە نورۋىگىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
دانىيىدە چىقىدىغان " جىللاندىس - پوستېن گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بىر كارتۇن رەسىمدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سەللىسى بومبىغا ئوخشىتىپ ياسالغان. بىراق بۇ گېزىت كېيىنرەك مۇسۇلمانلاردىن ئەپۇ سورىدى. دانىيە باش مىنىستىرى رامۇسسېن، " جىللاندىس- پوستېن گېزىتى" نىڭ ئەپۇ سورىغانلىقىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ گېزىتنى جازالاشنى رەت قىلدى. ئۇ، ھۆكۈمەت ئاخباراتقا چەكلىمە قويالمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)