ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى گېزىتلەردا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىغا قارشى نارازىلىقلار ۋە بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ.
12- فېۋرال كۈنى ب د ت باش كاتىبى كافى ئاننان دانىيە تېلېۋىزورىدا بەرگەن باياناتىدا، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىقلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىر-بىرىگە قارشى تەرەپلەرنى سۆھبەتكە چاقىردى.
كافى ئاننان يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم دانىيىدە چىقىدىغان بىر گېزىتتە نەشر قىلىنغان مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ شۇنداقلا بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا رادىكال گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.
13 - فېۋرال كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ب د ت نىڭ دىنلارغا ھاقارەت قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن ئالىدىغان تەدبىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى، يېڭىدىن قۇرۇلۇدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى نىزامنامىسىغا دىنلارنى ھاقارەتلەشىكە قارشى تۇرۇش ماددىسىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام دۇنياسىدىكى نارازىلىقلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇل خادىمى خاۋىييەر سولانا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.