يېقىندا كەشمىردە چىقىدىغان «گۈللىنىۋاتقان كەشمىر» ناملىق كۈندىلىك گېزىتتە مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى فايسال ياسېننىڭ « ئامېرىكا كەشمىرنى خىتايغا قارشى ھەربىي بازا دەپ ھېسابلايدۇ» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا يېزىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا زىيالىيسى ۋە جۇرنالىستى داۋىد بارسامائىن يېقىندا كەشمىرنى زىيارەت قىلىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، كەشمىرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خەلقئارادا داۋاملىشىۋاتقان تەھلىللەر ھەققىدە توختالغان. تۆۋەندە سىلەر ئوز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى داۋىد بارسامائىن مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە كەشمىرنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بۇ رايونغا كېڭىيىش ئېھتىماللىقىغا توسقۇنلۇق قىلىش رولى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك، ئامېرىكا ھازىر ئاسىيادا ئۆزىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى قۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە كەشمىرنىمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى بازىسى دەپ قارىماقتا» دېگەن. داۋىد بارسامائىننىڭ بۇ بىلدۈرۈشى خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ خەۋەر خىتاي تىلىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىندى شۇنىڭدەك خىتايچە «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي ئىستراتېگىيىچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى.
كەشمىرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟
داۋىد بارسامائىن ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق جۇرنالىستلىرى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسىسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە دائىم ئوبزورلارنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ، كەشمىرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقى ھەمدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ قېتىم ئۇ كەشمىردە چىقىدىغان "گۈللىنىۋاتقان كەشمىر " گېزىتىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى ۋە سۆزلىرىنىڭ كەشمىر مۇستەقىلچىلىرىگە ئىلھام بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
1947-يىلى بېرىتانىيە ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىسىنى بىكار قىلىش بىلەن ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇستەقىل بولدى .نەتىجىدە، كەشمىر ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئارىسىدا قېلىپ، ئۇنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. كەشمىرنىڭ بىر قىسىمى ھىندىستاننىڭ، يەنە بىر قىسىمى پاكىستان كونتروللۇقىدا قالدى. كەشمىر مەسىلىسى 60 يىلدىن بۇيان ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا تالاش تارتىش پەيدا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. كەشمىر مەسىلىسى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا ئۈچ قېتىم چوڭ ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھەربىي جىددىيلىك ھېچقاچان پەسەيمىگەن. كەشمىر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولغاندىن سىرت يەنە بۇ جايدا پاكىستانغىمۇ، ھىندىستانغىمۇ تەۋە بولماي، مۇستەقىل دۆلەت بولۇش پىكىرلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، داۋىد بارسامائىننىڭ كەشمىرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كەشمىرلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىگە ماس كەلگەن.
كەشمىر ۋە ئۇيغۇر ئېلى
كەشمىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. كەشمىر تارىختا ئۇيغۇر ئېلى جۈملىدىن شەرقىي ۋە شىمالىي ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا ئارىسىنى تۇتاشتۇرۇش تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. تارىختىن تارتىپ، كەشمىر بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىمۇ زىچ ئالاقىلەر بولغانلىق مەلۇم. تېخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىردىكى سرىناگارغا بېرىپ، ئۇ يەردىن ھىندىستان ۋە باشقا جايلارغا ئۆتەتتى. خىتاي تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئوقۇرمەنلەر» تور بېتىدىكى بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاڭخەي خەلقئارا مەسىلىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گەنچېڭ كەشمىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تاغ-دەريالىرى باغلىنىپ كېتىشتەك جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى جەھەتتىن خىتاينىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، 60-يىللاردا جۇڭگو-سوۋېت رەقىبلىك دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەشمىرنى ئىگىلەش ئويىدا بولغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپلىگەن ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ كەشمىرگە بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىپ، بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ كەشمىرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پىكىرنىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر خىتاي مۇتەخەسسىسى ئامېرىكىنىڭ كەشمىرنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىك ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمىغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پەن جىپىن «ئامېرىكىنىڭ كەشمىرنى خىتايغا قارشى ھەربىي بازا قىلىشى ھەققىدىكى كۆز قاراشنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، بەلكى بۇنداق ئىش بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيىسى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەن جىپىنگگە ئوخشاش پىكىرنى جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئامېرىكا مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى نىئۇ شىڭچۈنمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كەشمىر مەسىلىسىگە قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بۇ ئامېرىكىنىڭ زور ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا ئۇيغۇن ئەمەس» دەيدۇ.
11-سېنتەبىردىن كېيىنكى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېزىشىچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش بىلەن باشلاندى. نەتىجىدە، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلىنىدىغان ئافغانىستانغا كىردى ھەمدە قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي-سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ قويۇقلاشقاندىن سىرت يەنە ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىمۇ كۈچەيدى . ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەخسۇس جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى بىر ئىستراتېگىيىلىك نىشان دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن شاڭخەي ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىراننىمۇ ئۇنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي، غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
«گۈللىنىۋاتقان كەشمىر» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا مۇتەخەسسىس داۋىد بارسامائىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە كەشمىرنى خىتايغا قارشى تۇرىدىغان ھەربىي بازا قىلىشى ھەققىدىكى قارىشىنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنى ئويغا سېلىشى تەبىئىي ئەھۋال بولسا كېرەك (ئۈمىدۋار)