خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ چاغان ئالدىدا 200 كىشىنى ئاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغاننىڭ ئالدىدىكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە 200 كىشىنى ئاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى ئازايتىشقا چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغاندا چوقۇم خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئويلىشىشقا ئۈندىدى.

مەزكۇر تەشكىلات چىقارغان دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان ئالدىدىكى ئىككى ھەپتىدە 200 كىشىنى ئاتقاندىن سىرت، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىن بۇ يىل 1 - ئايغىچە بولغان قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 650 كىشىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئېتىپ تاشلىغان.

باش شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ چاغان يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى، ھەتتا بىر قېتىملىقتا 10 نەچچە كىشىنى ئېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى، ‘مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە خەلقنىڭ يېڭى يىلنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشئ نامى بىلەن ئادەم ئېتىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك بىر ئۇقۇم" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق ۋە باج ئوغرىلاشتىن تارتىپ سىياسىي جىنايەتكىچە بولغان تۈرلۈك جىنايەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان بولۇپ، خىتاي بويىچە پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرگىلا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. (پەرىدە)