خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
2007.10.19
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك دائىمىي كومىتېتىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان "لاۋگەي" تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
ئوچۇق خەتتە، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سېستىمىسىدا مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان كىشىلەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ تۈردىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، بۇ خىل كەمسىتىش تەدبىرلىرى ئولىمپىك روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپتۇر،دەپ كۆرسەتتى.
ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى بۇ تۈزۈمنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ۋە پۇقرالارغا قارىتا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ھەم مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك زەھەر تاشلىتىش ۋاستىلىرىنى قوللانماقتا، دەپ ئەسكەرتتى. ئوچۇق خەتتە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنى 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش قانۇنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان ھەر قانداق بىر قانۇن چىقارماقچى بولسا، بۇ قانۇننىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، جۈملىدىن پۇقرالارنىڭ ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىدلىدى
- ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئىمزالىق خەت يوللىدى
- خىتايدا يەر - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان
- ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- بېيجىڭدا يەنە بىر ئادۋوكات قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدىكى بايانلارنى رەت قىلدى
- ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رىچارد گېر، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئەنگىلىيە مىنسىتىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى