گېرمانىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى


2007.12.28

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كېلەر يىلى 8 - ئايدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېتىپ كەلگىچە كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۆبىسىنىڭ باش سېكرىتارى باربارا لوكبېخلېر، ئالدىنقى كۈنى غەربىي جەنۇب گېرمانىيە رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى قىسمەن جەھەتلەردە چەكلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جەك روگې 2002 -يىلى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن مەن ھازىرغا قەدەر ئولىمپىك يىغىنىغا ئاز قالغان بولسىمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى كۆرمىدىم. بۇ جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ناھايىتى ئاز " دەپ كۆرسەتتى.

لوكبىخلېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سىياسەتچىلەر ۋە ئولىمپىكچىلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىلگىرىلەشكە قىستاپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنىڭ سانىنى ھازىرقى 68 خىل تۈردىن ئازايتىش كېرەك ۋە بۇ ساھەدە ئومۇمىيۈزلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك ياخشىلىنىش ياساش لازىم.

باربارا لوكبېخلېر يەنە، ھەر قايسى تەرەپلەر خىتاي رەھبەرلىرىگە قولغا ئېلىش ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا پالاشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئەمەسلىكىنى تونۇتۇپ قويۇش كېرەك، دەپ سۆزلىدى. خىتاي دائىرىلىرى 2001 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تالاشقاندا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلسە، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن. لېكىن خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.