خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى دۈشەنبە كۈنى 2010 – يىلغىچە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى يارىتىش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان خىتاي، بۇرۇنى، ھىندونېزىيە، مالايسىئا، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند، كامبودىژا، لائوس، مىيانمار ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، 2010 – يىلغىچە مەزكۇر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈن توسالغۇلار يوق قىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئىچىگە ئالغان ۋە ئىككى مىليارد كىشى ياشاۋاتقان بۇ رايوندا بىر ئەركىن سودا بازىرى يارىتىدىكەن.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەزا دۆلەتلەر كېلەر يىلى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە بىلەنمۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن سۆھبەت باشلاشنى پىلانلىماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىم، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئىگە بولۇپ، كېلىشىمدە دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى چەكلەنگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىر ۋاقىتلاردا ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان بۇ رايوندا خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (قانات)