رۇسىيە ۋە ئىران يادرو يېقىلغۇ تەمىناتى كېلىشىمى تۈزدى


2005.02.27

رۇسىيە ۋە ئىران يەكشەنبە كۈنى يادرو يېقىلغۇ تەمىناتى ھەققىدە كېلىشىم ماقۇللىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، رۇسىيە، ئىراندىكى تۈنجى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو ئىنىرگىيە ئىشلىرىگە مەسئول رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىراننىڭ جەنۇبىيدىكى بۇشىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا يەكشەنبە كۈنى ئىمزالانغان.

كېلىشىمدە، ئىران ئىشلىتىپ بولغان يادرو قالدۇقلىرىنى رۇسىيىگە تاپشۇرىشى بەلگىلەنگەن. رۇسىيە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئىراننىڭ يادرو قالدۇقلىرىدىن ئۇران چىكىلەپ، يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ ئىراننى يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىنتايىن قارشى بولۇپ، ئىراننى مەخپىي ھالدا يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايتتى. ئەمما رۇسىيە، ئىرانغا تەمىنلىگەن يادرو يېقىلغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يەكشەنبە كۈنى ئىمزالانغان يادرو يېقىلغۇ تەمىناتى كېلىشىمى، ئىراننىڭ بۇشىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىشىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ. بۇشىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى رۇسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.