ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى كېلىشىمنى يولغا قويماقچى
2006.10.18
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېلەر ئايدا ۋېتنامدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي ئۇچرىشىشىدا ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىن سودىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرىدىغان پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى مىشول مىكولاكنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 21 دۆلەتتە جورجى بۇشنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇرۇن تۈزۈلگەن ئەركىن سودا قىلىش كېلىشىمىنى ئەمەلىي يولغا قويۇش جەھەتتە بىر يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ يېرىمىغا تەڭ بىر چوڭ رايوندا قانات يايدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئەركىن سودا. بۇ بىر رىيال مەسىلە. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھازىر بۇ رايوندا ئەركىن سودىنى قانداق قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى تۈزمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جورجى بۇش ئىمزا قويغان تېررورچىلارنى سوراق قىلىش قانۇنىغا دائىر يېڭى چۈشەنچىلەر
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش تېررورچىلارنى سوراق قىلىش قانۇنىغا ئىمزا قويدى
- پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرقنى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى
- بۇش: تېررورغا قارشى بۇ كۈرەش ھەربىي توقۇنۇشلا ئەمەس، بەلكى بىر مەدەنىيەتلەر ئۇرۇشى
- جورجى بۇش دۇنيا سودا سارىيى خارابىسىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان بىگۇنا خەلقنى ئەسلىدى