ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي توقۇلما مەھسۇلاتلار مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
2005.06.10
ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى توقۇلما مەھسۇلاتلار مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلاردا خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسارى پېتىر ماندىلسون بىلەن خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي جۈمە كۈنى شاڭخەيدە بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت باشلىغان. كېلىشىمغا ئاساسەن ئىككى تەرەپ 2008 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خىتاي توقۇلما مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلغان بولدى.
ماندىلسون سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ توقۇمىچىلىق ئىگىلىكىگە نەپەس ئېلىۋېلىش پۇرسىتى ياراتتى، دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەگەر خىتاي توقۇلما مەھسۇلاتلىرىغا چەكلەش تەدبىرى قويمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا دۇچ كېلەتتى. ماندىلسون، سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەگەر خىتاي توقۇلما بۇيۇملارغا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويمىسا، ياۋروپا ئىتتىپانىڭ تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن، دەپ ئاقلىغان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئوخشاش مەسىلە بويىچە سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ئەمما ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلالمىغان. ئامېرىكا خىتاينىڭ 7 خىل توقۇلما مەھسۇلاتىغا چەكلىمە قويغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توۋارلىرىغا چەكلىمە قويۇش تەدبىرىنى ئاقلىدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى ماجراسىغا ئاخىرقى چەك قويدى
- خىتاي، توقۇمىچىلىق ماللىرىغا بولغان ئېكىسپورت بېجىنى ئۆستەردى
- ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ تۆت خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئاگاھلاندۇردى