ھىندىستان كەشمىردىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە باشلىدى


2004.11.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگ كەشمىر رايونىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، 1000 غا يېقىن ھىندىستان ئەسكىرى كەشمىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونىدىن چېكىنىپ چىقتى.

بۇ باش مىنىستىرنىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ يېقىندا بۇ رايوندىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا 8000 مىڭ ئەتراپىدىكى ئامما ئالدىدا كەشمىر رايونى بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ رايوندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كەشمىر رايونىنىڭ مەركىزى مىنىسىتىرى سەئىد، ھىندىستاننىڭ كەشمىردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى بىر قىسىم ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كەشمىر رايونىدىكى خەلق ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باش مىنىستىر مانموخان سىنگ سۆزىدە يەنە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كەشمىردىكى مۇستەقىلچىلار بىلەن شەرتسىز ھالدا سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئايدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن كەشمىر مۇستەقىلچىلىرى ئوتتۇرىسدىكى سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، سىياسىي ئانالىزچىلار يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى قەدىمىنىڭ مۇھىم سىتراتىگىيىلىك ۋە دېپلوماتىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.