ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىردىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇس لىنىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
2005.04.07
ھىندىستان بىلەن پاكىستان 60 يىلدىن بۇيان تۈنجى قېتىم كەشمىر رايونىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بۆلەكلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇس لىنىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى دەپ قارالماقتا.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى سىڭ شەخسەن ئۆزى كەشمىرنىڭ ھىندىستان بۆلىكىدىكى سىرىناگار ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىپ، كەشمىرنىڭ پاكىستان كونتروللىقىدىكى مۇزەففەر ئابادقا قاراپ يولغا چىققان تۈنجى يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىنى ئۇزاتقان.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مۇزەففەر ئاباد تەرەپتىنمۇ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىغا قاراپ يولغا چىققان.
بۇنىڭ ئالدىدا، كەشمىردىكى ئىسلام پىدائىيلىرى، بۇ يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى 170 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاتناش لىنىيىسىدە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
چارشەنبە كۈنى، ئىككى نەپەر قوراللىق كىشى، ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىدە پاكىستانغا ئۆتىدىغان ئاپتۇبۇسنى كۈتۈپ تۇرۇش زالىدىكى يولۇچىلارغا ھوجۇم قىلغان. ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، توقۇنۇشتا ئىككى نەپەر قوراللىق كىشى ئۆلگەن. يولۇچىلاردىن ھىچكىم زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىغان. (ئارزۇ)