كەشمىردىكى يەر تەۋرەشتىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى يىتەرسىز بولماقتا

‎ جەنۇبىي ئاسىيانىڭ كەشمىر رايونىدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ‎ئۆلگەنلەرنىڭ سانى پەيشەنبە كۈنى 79 مىڭدىن ئاشتى. پاكىستان تەۋەسىدىكى كەشمىر رايونىدا ‎تېخىمۇ كۆپ جەسەتلەر بايقالماقتا. ‎

‎ ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەشمىرنىڭ ھىمالايا تاغلىق ‎رايونلىرىدا ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلغان ‎كىشىلەر كۈنلىرىنى دەككە- دۈككىدە ئۆتكۈزمەكتە. ‎

‎ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ‎رايونلارغا كەڭ كۆلەمدە ھاۋادىن قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇلار ‎ئاساسلىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ قىشنى ئۆتكۈزىشىگە كېرەكلىك بۇيۇملارنى توشىدى. ‎كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ش ئا ئو ئە ت يەنە مەش ، چىدىر ۋە ئەدىيالغا ئوخشاش ‎جىددىي كېرەكلىك بويۇملارنى يىراق كەنتلەرگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن. ‎

‎ بۇنىڭ ئالدىدا، ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ ئىنتايىن ‎كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‎ھايات- ماماتلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ‎

‎ ب د ت نىڭ پاكىستانغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا مەسئول خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ‎دۇنيا نۆۋەتتە ئاپەت رايونىدىكى مۈشكۈل ۋەزىيەتنى تېخى تونۇپ يەتمىگەندەك. ھەر قايسى ‎دۆلەتلەر ھازىر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كېرەكلىك 250 مىليون دوللار پۇلنىڭ ئاران 20% ‎ئىنى بېرىشنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن پۇل بۇنىڭ 12% ئىگىمۇ يەتمەيدىكەن. ‎

‎ بېيجىڭدا تۇرىۋاتقان ب د ت نىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى تەڭشىگۈچى خادىمى، پاكىستانغا ‎خوشنا بولغان خىتاينى جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتقان چىدىرلارنى ئىئانە قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)‎