كەشمىردىكى مۇسۇلمان پارتىزانلار ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتمەكتە


2006.05.01

ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدا ئاخىرقى ئىككى كۈن ئىچىدە 35 ھىندىنىڭ مۇسۇلمان پارتىزانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ساقچى فورمىسىنى كىيىۋالغان مۇسۇلمان پارتىزانلار كەشمىردىكى بىر يېزىغا كېلىپ، يېزىدىكى ئەرلەرنى يېغىپ 22‏ ھىندىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. شۇنداقلا يەكشەنبە كۈنى توققۇز ھىندۇ پادىچىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كەشمىردىكى مۇسۇلمان پارتىزانلارنىڭ 2003‏ - يىلدىن بىرى كەشمىردە ئېلىپ بارغان ئەڭ قانلىق ھۇجۇمى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ ھۇجۇم كەشمىردىكى مۇستەقىلچى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا يۈز بەردى. ئەمما ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇسۇلمان پارتىزانلارنىڭ بۇ ھۇجۇمى كەشمىر رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى توسالمايدۇ، دېدى.

بۇرۇن كەشمىردە بۇنداق ھۇجۇملار يۈز بەرگەندە ھىندىستان، پاكىستاننى ئەيىبلەيتتى. لېكىن بۇ قېتىم ھىندىستان باش مىنىستىرى ئىسلامئابادنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى تارتتى.

بۇ ئارىدا ئافغانىستاندا ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، 15 دىن 20 كىچە تالىبان قالدۇقى، ئافغانىستاندىكى كانادا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

يېقىندىن بېرى ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى، ئافغان مىللىي ئارمىيىسىگە ۋە ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى. دۈشەنبە كۈنى ئافغانىستاندا تالىبان قالدۇقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى ئايرىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم نەتىجىسدە ئازدېگەندە 3 بىرلەشمە ئارمىيە ئەسكىرى ۋە بىر ئافغان پۇقراسى يارىلاندى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.