كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، تۇنجى قېتىم خىتايدا سۆز قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشتى


2004.12.14

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋەكىلى دەيۋېس سەيشەنبە كۈنى، شاڭخەيدە "ئەيدىز بىمارلىرى ۋە قانۇن" ناملىق تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان يىغىنغا قاتناشتى ۋە بۇ يىغىندا سۆز قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم خىتايدا ئوچۇق مەيداندا سۆز قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالاھىدە بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ۋەن تىڭخەي تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

خىتاي ئىچىدىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك 25 ئورۇن، گۇرۇپپىلار مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن سىرت، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، يىغىندا يەنە پىكىر قىلىش، يىغىلىش ئەركىنلىكى، ئۇچۇر - ئالاقە شۇنىڭدەك خىتاينىڭ تۈرمە مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.