ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى تەنقىد قىلىشى مۇمكىن
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇش ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يەنە تەنقىد قىلىدىكەن. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كېلەر ئايدىكى جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىش لاھىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى قويماسلىقنى تېخى قارار قىلمىغان.
ئامېرىكا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ھەر يىلى دېگۈدەك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. بىراق بۇ لايىھىلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى دىپلوماتىك پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى "ناچار" دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، بۇ يىلمۇ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ "ناچار" دەپ تەرىپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلاردىن خىتاينى تەنقىد قىلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بىراق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى باشقا مەسىلىلەر بىلەن چېتىۋالماسلىقنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى رابىيە قادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرمىدىكى بەزى سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينى تەنقىد قىلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويمىغان. ئامما كېيىن ئامېرىكا خىتاينى سىياسى مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ چاغان ئالدىدا 200 كىشىنى ئاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى
- چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ب د ت نىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاشقا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدە توسالغۇلۇق رول ئوينايدىكەن
- كانادا ۋە خىتاي يىللىق كىشىلىك سۆھبىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كېلىشتى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ 2004 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى