خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئامېرىكىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى


2005.02.28

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ 2004 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 2004 - يىلدىكى تەرەققىياتى ۋە بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقى كىشىنى ئۈنمىدسىزلەندۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2002 - يىلدىكى خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئامېرىكىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلىمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، تىنچ ۋە مۆتىدىل ئۇسسۇللار ئارقىلىق ئۇخشىمىغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا تاشقى دۇنيانىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نازارەت قىلىشىغا يول قويمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستيىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى سىياسى ئۆكتىچىلەرنى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلىرىنى، ئەيدىز كېسەللىرىگە ياردەم قىلغۇچىلارنى، دىنىي زاتلارنى، مۇخبىرلارنى، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى زىيالىلارنى شۇنداقلا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، گەرچە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش خىتاي ئاساسى قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ بىراق، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن ماددىسىغا قايسى دەرىجىدە ئەمەل قىلىدىغانلىقى يەنىلا ئايدىڭ ئەمەس، دەپ تەكىتلىگەن. ئامما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.