ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنماسلىقنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى يەتكۈزگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئامېرىكا ئۈمىد قىلغان بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يىل خىتاينى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا مۇنازىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىغا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا كۆپ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يېللاردىن بويان، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا يىتەرلىك قوللاشقا ئېرىشىپ، جازاغا ئۇچراش تەغدىرىدىن قۇتۇلالىغان.
بىراق، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىتاينى ئەيىپلىمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى جەنۋەدە باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنى جەريانىدا، بىر قىسىم تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى جەنۋەگە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. (ئارزۇ)