ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى


2005.03.28

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى، جۈملىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزاھلىدى.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆز ھاكىمىيىتىگە ۋە دۆلەت مۇقىملىقىغا تەھدىد دەپ قارىغان سىياسىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنى، شۇنداقلا شەخسلەرنى باستۇرىۋاتقانلىقىئى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بارغان دىنىي، سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى باستۇرىۋاتقانلىقى، مەھبۇسلارنى داۋاملىق قىيىن- قىستاققا ئېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.