ئالتە ئەڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى


2005.03.31

باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ھۆكۈمەتكە قارىمايدىغان ئورگان ھېسابلانغان "ئەركىنلىك ئۆيى" پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە دۇنيادىكى ئالتە ئەڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

"ئەركىنلىك ئۆيى" نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئالتە دۆلەت، خىتاي، كۇبا، ئېرىتېرىيە، سۇدان ۋە زىمبابۇۋىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

"ئەركىنلىك ئۆيى"، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، "ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلىمەستىن، بەلكى ئۇلارنى قوغداۋاتىدۇ. بۇ خىل مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنى باھالايدىغان ئورۇنغا ئولتۇرغۇزىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما، "ئەركىنلىك ئۆيى" ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەنناننىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشى دۆلەتلەردىن ب د ت نىڭ يېڭى بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنى تەشكىللەپ، نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەققىدىكى تەكلىبىنى قارشى ئالدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.