ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلار خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بويىچە ئاق ساراينى ئەيىپلىدى
2005.04.01
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفىر سىمس، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى مەجبۇرى بالا قىردۇرۇش، تەن جازاسى بېرىش، دىنىي باستۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەنقىد قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئەيىپلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى بەزى ئىلگىرلەشلەرنى كۈزدە تۇتۇپ، بۇ يىلقى جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينى تەنقىد قىلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەتبۇئاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتايلارنىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلىش لاھىيىسىدىن ۋاز كەچكەن. ئامما كرىستوفىر سىمس، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئىلگىرلەش، دەپ قارىدى. بىراق ئۇ، " راست گەپنى قىلسام ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىش لاھىيىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە قوشۇلمايمەن، دېدى. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتىگە دۆلەت مەجلىسىدە ئەندىشىنىڭ كۈچىيىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن كرىستوفىر سىمس، "كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سودىنى ئارلاشتۇرۇش بولمىغۇر ئەھۋال،" دەپ كۆرسەتتى.
كرىستوفىر سىمس، خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ "بىر پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتى" نى تەنقىد قىلغان. ئۇ، بۇ سىياسەت بويىچە "مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ بالا قىردۇرۇش شۇنداقلا بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغان" لىقىنى تەكىتلىدى. ئامما ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئەلچىسى كەۋىن مولېي، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلىغان. مولېي، " بىز بولمىدى دېگەندە ئۇلارنىڭ خەلقئارا جەمائەتنى ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز،" دېگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالتە ئەڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئامېرىكىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنى تەنقىد قىلدى
- چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ب د ت نىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاشقا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئەيىپلىدى