لى جاۋشىڭ، شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە سۆزلەشتى


2006.02.03

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ پەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ بېرىن شەھىرىدە شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كالمىي رېي خانىم بىلەن ئۇچراشقاندا، جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىدىكى پەرقلەرنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، كالمىي رېي بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىما قىلىپ، " بۇ يەردە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار،" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىغا قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە سۆرەلمىلىك قىلىش بىلەن ئەيىپلەنمەكتە. لى جاۋشىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، ئامېرىكىنى يوشۇرۇن تەنقىد قىلدى. ئۇ، " جوڭگو قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرى ئامېرىكىدىن كۆپ،" دەيدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كالمىي رېينىڭ تەكىتلىشىچە، شۋېتسارىيە 1991 - يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇ، بۇ سۆھبەت ئۆز ئارا چۈشۈنىشكە پايدىلىق،' دەيدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، لى جاۋشىڭ بىلەن كالمىي رېي سۆھبەت جەريانىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ب د ت نىڭ ھازىرقى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىگىللىۋېلىندى، دەپ تەنقىدلەنمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بەزى قارارلارنى چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ خىل ئەيىپلەشنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.